ئــــاي نىــدالـىـرى

2013.9.17 发布在 سەھىپە ئايرىلمىغان 栏目

ھىلالنىڭ لىۋىنى سۆيگەندە گۇگۇم ،
ئېچىلار بەس -بەستە ناماز شام گۈلى.
ئادەملەر ئالدىراش ئۆيىدىن چىقىپ،
قاينايتى قايتىدىن ھايات شادلىغى.

ئاي چاچار كۈمۈشرەڭ نۇرىنى ھەريان،
بەسلىشىپ شەھەرنىڭ چىراقلىرىدا.
جۈپ بوپ قىز -يىگىت ئۆتەر ياندىشىپ،
شەھەرنىڭ ئاۋاتلىق دوقمۇشلىرىدا.

قىززىغان رېستۇران ،قىززىغان سورۇن،
چىرقىراق ئاۋازغا جۆر بولار تاڭسا.
قىزارغان كۆزلەردىن تۆكۈلەر شەھۋەت،
تام تۈۋى لىققىدە قۇرۇق بوتۇلكا.

ھەپتىلەپ ،ئاي-ئايلاپ كۆرمىگەن ئاشنى،
ئاھ،يىتىم بالىلار غاجاشماقتا نان.
جاھاننىڭ رەپتارى ھاردۇرغان ئانا،
يوقسىزلىق دەردىدە تالاشماقتا جان.

سوغۇقتا تىتىرەپ مايلامچى بالا،
ھاياتلىق يولىدا قىلاتتى كۆرەش.
باغرىدا بىۋاپا دادىنى ئەسلەپ،
يۈرەكتىن ياشلىرى چىقاتتى ئۆركەش.

ھەممە يەر قىززىغان ئاۋاتلىق بازار،
خېرىدار چارقىرار كاۋاپچى تىنماي.
كۆزىنىڭ قىرىغائىلىپمۇ قويماس،
پۇلى يوق گادايلار كۆرسىمۇ قانماي.

خۇدانىڭ رەھمىتى خارلانغان  دۇنيا ،
رېستۇران كەينىدە چوشقا قوتىنى.
ئىسراپخور قولىدا چەيلىنار ئېغىر ،
نىمەتكە سىڭىشكەن دېھقاننىڭ قېنى.

كىملەركىن ۋارقىراپ «ۋاي ئوغرى » دېگەن،
كىملەركىن چىرقىراپ «ۋاي قۇلاق»
دېگەن.خاتىرجەم ماڭالماس تەشۋىش ئىچىدە،
مىڭ كىشى كۆرسىمۇ «ئوغرى كىم؟ » دېگەن.

ئاي نىدا قىلاتتى كۆكتە خۇداغا،
«كۆرمەيچۇ نامەردلەر قاپلىغان دۇنيا.»
ناماز شام گۈللىرى توزار سۇلىشىپ،
يېقىمسىز بىر سەھەر ئويغىنا چاغدا.

2012-يىل      5- نويابىر   ئۈرۈمچى

评论

昵称*

邮箱*

网址