بەگ بوپ ئۆتەر مەن !

2013.9.17 发布在 سەھىپە ئايرىلمىغان 栏目

  كىملەرنى ئىنتىزار قىلىپ ئۆتەرمەن،
كىملەرگە ئىنتىزار بۇلۇپ ئۆتەرمەن ,
كىملەرنىڭ قەلبىدە گۈلدەك پۇرەكلەپ،
كىملەرنىڭ قەلبىدە كۈلدەك تۇزارمەن.
كىملەرنىڭ كۆڭلۈگە يېقىشلىق ئاپتاپ،
كىملەرنىڭ كۆڭلۈدە سۇلاشقان ياپراق،
كىملەرنىڭ يۇلىغا بولدۇم پۇتلاشقاق،
كىملەرنىڭ بەختىگە كۆۋرۈك بۇلارمەن.
كىملەرنىڭ قوزغۇدۇم ھەسەت ئوتىنى،
كىملەرنىڭ سۇندۇردۇم نازۇك دىلىنى،
كىملەرنىڭ سۆزلەتتىم زەھەر تىلىنى،
كىملەرگە سەۋەبسىز دۈشمەن بۇلارمەن.
كىملەر بار مەن ئۈچۈن غېمىم يەيدىغان،
كىملەر بار يېغىمدا گۆشۈم يەيدىغان،
كىملەر بار مېنى پاك ئىنسان دەيدىغان،
كىملەر چۈن ياش تۆكۈپ ھەسرەت چىكەرمەن.
كىملەرسىز بۇ كۆڭلۈم تاپالماس تەسكىن،
كىملەرسىز پىچىقىم كېسەلمەس كەسكىن،
كىملەرسىز يۈرەگىم قايغۇرار مىسكىن،
كىملەرسىز يۇلۇمدا داغدام يۈرەرمەن.
كىملەرگە باغلىنىپ ئۆتىدۇ ھايات ،
كىملەرنى قۇل قىلىپ باغلايدۇ ھايات،
كىملەرنىڭ دوستىغا ئايلىنار ھايات ،
مەن لېكىن ھاياتقا بەگ بوپ ئۆتەرمەن.

评论

昵称*

邮箱*

网址